Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 6:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كونا تەبىئىتىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇناھكار نەپسىمىزنىڭ ئىلكىدە بولماي، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇق.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 6:6
18 Referans Kwoze  

ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


ئۇنداقتا، خۇددى كونا كىيىمىڭلارنى تاشلىۋەتكەندەك، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا تەبىئىتىڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەن.


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ.


ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ.


چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر.


بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.


شۇنداق ئىكەن، گۇناھ ھەرگىزمۇ ھامان ئۆلىدىغان تېنىڭلارنى باشقۇرمىسۇن. بولمىسا، ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىسىلەر.


ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن، لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز.


_ سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىسىلىرى مەيلى، لېكىن مەن خىزمەتكارلىرىغا ئىككى قېچىرلىق توپا بولسىمۇ بەرگەيلا، شۇندىلا خىزمەتكارلىرى باشقا ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنماي، پەقەت سىلىنىڭ پەرۋەردىگارلىرىغىلا سۇنىمەن.


تەۋرات قانۇنى خۇدادىن چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق، گۇناھكار تەبىئىتىمنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان مەن بولسام گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىدۇرمەن.


بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.


چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite