رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 6:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر. Gade chapit la |
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن ئەنە شۇ قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار: ئەستايىدىللىق بىلەن خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلىدىڭلار، ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خۇدانىڭ جازاسىنىڭ سىلەرگە كېلىشىدىن قورقتۇڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار، مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار، گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. مانا بۇلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا توغرا قىلغانلىقىڭلار ئېنىق بولدى.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق گۇناھلىرىدىن نومۇس ھېس قىلغاندا، ئۇلارغا سەن ئىبادەتخانىنىڭ لايىھەسى، قۇرۇلمىسى، دەرۋازا ئىمارەتلىرى ۋە نەقىشلىرىدىن تارتىپ، ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەرگىچە سۆزلەپ بەرگىن ھەمدە بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۈتۈپ قويغىن، ئۇلار لايىھەنى چۈشەنسۇن، قائىدىگە رىئايە قىلسۇن.