9 بىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ ئېنىقتۇر.
ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى دەل ئەيسا مەسىھتۇر.
يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.
سىلەر شۇ چاغلاردا خۇدادىن يىراق بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن خۇداغا يېقىنلاشتۇرۇلدۇڭلار.
بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.
شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق.
خۇدا ئەرشتىن ئادەملەرنىڭ بارلىق گۇناھكارلىق ۋە يامانلىقلىرىغا قارشى ئۆز غەزىپىنى بىلدۈردى. سەۋەبى، ئۇلار ئادالەتسىز ئىشلىرى ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى توسۇۋاتىدۇ.
دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ. قۇربانلىق قېنى تۆكۈلمەي، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.
ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!
خۇدا ئالدىن بەلگىلىگەن بۇ كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۆزى چاقىرغان بۇ كىشىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بۇ كىشىلەرگە خۇدا چوقۇم شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ.
شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.
بىز بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن ئىدۇق. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بىز خۇدا بىلەن يارىشىۋالغانىكەنمىز، ئۇنداقتا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ھاياتى ئارقىلىق خۇدانىڭ جازاسىدىن چوقۇم قۇتۇلدۇرۇلىمىز.
بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.