8 ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى.
ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر.
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.
بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.
بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.
ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.
خۇدانىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شۇكى، خۇدا ئۆزى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەتنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئەبەدىلئەبەد كۆرسىتىشتۇر.
ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.
لېكىن، ئەيسا مەسىھ ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ ئۆزىنىڭ مەندەك ئۇچىغا چىققان بىر گۇناھكارغا چەكسىز سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە قالدۇرۇشتۇر، يەنى بۇ كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا بېرىلگەن ئۈلگىدۇر.
تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى.
لېكىن، بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئادالەتسىزلىكى خۇدانىڭ ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىزنى جازالىسا، ئۇنى ئادىل ئەمەس، دېسەك بولامدۇ؟ (بەزىلەر شۇنداق دەپ، ئويلاپ يۈرىدىكەن!)
دۇرۇس ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن، ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن.
ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟
ياكى پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان باشقا ھەرقانداق بىر شەيئى بولسۇن، مەيلى بىز ئېگىز ئاسماندا ياكى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە بولايلى، بىزنى خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ.
ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.
ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.
ھەربىر باش روھانىي خۇداغا ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ باش روھانىيىمىزمۇ خۇداغا بىرەر نەرسە سۇنۇشى كېرەك ئىدى.