رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 5:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. Gade chapit la |
بىز يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناتوغرا ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر، يەنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، بوينى قاتتىقلار، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار، گۇناھكارلار، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلغۇچىلار، خۇدانى مەسخىرە قىلغۇچىلار، ئاتا-ئانىسىنى ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار،
بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.