Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 5:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سەۋرچانلىقىمىز بىزنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن قىلىدۇ؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن بولساق، بىزدە تەۋرەنمەس ئۈمىد پەيدا بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 5:4
17 Referans Kwoze  

پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.


سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.


بىراق ئۆزۈم ئۈمىدسىز بولمايمەن زىنھار، ساڭا بولغان ئالقىشلىرىم بارغانچە ئاشار.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ.


چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.


سىلەرگە مەلۇمكى، تىموتىي ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خۇددى ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ياردەم قىلغىنىغا ئوخشاش، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئىشلىدى.


بۇ ئۈمىد ھاياتىمىزغا نىسبەتەن خۇددى چىڭ ئىلىنغان كېمە لەڭگىرىدەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇ بىزنى ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە يېتەكلەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite