3 بىز قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا شاد-خۇرام بولىمىز. چۈنكى، بىزگە مەلۇمكى، قىيىنچىلىق سەۋرچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
لېكىن، ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار.
بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.
شۇڭا، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلىنىپ كەتمەي، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى
ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى.
چۈنكى، خۇدا سىلەرگە پەقەت ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشنىڭمۇ شەرىپىنى ئاتا قىلغان.
شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن، خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.
بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ شاد-خۇرام بولىمىز.
پەقەت پۈتكۈل مەۋجۇداتلا ئەمەس، ھەتتا مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىمىزگە سېلىنىشى بىلەن خۇدانىڭ كەلگۈسىدە بېرىدىغان شان-شەرىپىنى تېتىپ باققان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا ئاھ ئۇرماقتىمىز. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىز ئايان قىلىنىشى بىلەن بىرگە يېڭى تەنگە ئېرىشىشنى كۈتمەكتىمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، رىبەقا ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن قوشكېزەكگە ھامىلىدار بولغاندا،
يەنە كېلىپ، ئۇ توپلانغان ئىئانىلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىش سەپىرىدە بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇش ئۈچۈن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىئانە توپلاش ئارقىلىق رەببىمىزنى ئۇلۇغلاش ۋە ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشتۇر.