Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 5:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىنسانلار گۇناھكار بولۇپ كەتكىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن ئىنسانلار ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 5:19
10 Referans Kwoze  

خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


دېمەك، بىر قېتىملىق گۇناھ پۈتكۈل ئىنساننى گۇناھقا مەھكۇم قىلغان بولسا، بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەلىيەت، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسان ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ.


ئۇ ئىنسان قىياپىتىدە ياشاپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، تاكى ئۆلگۈچە خۇداغا ئىتائەتمەن بولدى. ئۇ ھەتتا كرېستكە مىخلانغاندىمۇ شۇنداق قىلدى.


گۇناھ دۇنيادا بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتا ئارقىلىق پەيدا بولغاندەك، ئۆلۈممۇ ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھى ئارقىلىق پەيدا بولدى. نەتىجىدە، ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسان ئىچىگە تارقالدى، چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى.


شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى.


ۋەھالەنكى، ئادەم~ئاتا تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ خۇدانىڭ بەرگەن مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئوخشاشلا بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق خۇدا ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، كەچۈرۈلۈش سوۋغىتىنى نۇرغۇن ئادەمگە ئاتا قىلدى.


خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.


چۈنكى، خۇدا رەھىم-شەپقىتىنى پۈتكۈل ئىنسانغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى، يەنى يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىكە قويۇۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite