رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 5:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 دېمەك، بىر قېتىملىق گۇناھ پۈتكۈل ئىنساننى گۇناھقا مەھكۇم قىلغان بولسا، بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەلىيەت، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسان ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ. Gade chapit la |
ۋەھالەنكى، ئادەم~ئاتا تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ خۇدانىڭ بەرگەن مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئوخشاشلا بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق خۇدا ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، كەچۈرۈلۈش سوۋغىتىنى نۇرغۇن ئادەمگە ئاتا قىلدى.
خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى.