Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 5:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نەتىجىسى ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئادەم~ئاتىنىڭ بىر قېتىملىق گۇناھى ئارقىلىق بىز ھەممىمىز گۇناھكار، دەپ ھۆكۈم قىلىندۇق. ئەمما خۇدانىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتى ئارقىلىق بىز گۇناھكارلار گەرچە نۇرغۇن گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 5:16
14 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.


مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى. يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئۆزۈمگە قايتۇردۇم.»


مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىمەن، گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن.


ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


لېكىن، گۇناھقا تولغان بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە جازالانماسلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىز بىزنى مۇشۇنداق جازالاپ تەربىيىلەۋاتىدۇ.


سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ.


يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.


كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite