8 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ھېسابلىمىسا، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك!»
نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار، كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار.
ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.
نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار، ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار.