Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لېكىن، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئېتىقادىدىن بولغان. چۈنكى، بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 4:5
24 Referans Kwoze  

خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.


چۈنكى ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش يولىنى بىلمەي، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىغا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ئۇشبۇ يولنى قوبۇل قىلمايدۇ.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.»


- خۇدانىڭ خىزمىتى - خۇدانىڭ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشتۇر، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.


بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.


سۆزلىرىم شۇكى: ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ئادەمگە قارا، ئۇنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس. لېكىن ھەققانىيلار خۇداغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ياشايدۇ.


يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمكى زاماندا تەراھ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناخور بىلەن ئىبراھىم ۋە باشقا ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايتتى، ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى.


- سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


داۋۇت پادىشاھمۇ خۇدا بىر ئادەمدە ياخشى ئەمەللەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىماستىن ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىسا، ئۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر بەختلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite