4 ئەمگەك قىلغۇچىنىڭ ئالغىنى سوۋغات ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇلارنىڭ تاللىنىشى ئۆزلىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولغان. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ مېھىر-شەپقەتنى مېھىر-شەپقەت دېگىلى بولمايتتى.
بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئېتىقادقا ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللىرىگە تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تاشقا، يەنى ئەيسا مەسىھكە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى.
كىممۇ ئۇنىڭغا بىرنەرسە بېرىپ، ئۇنى قەرزدار قىلالىسۇن؟»
لېكىن، خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەدەلسىز ھالدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. چۈنكى، ئۇ بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.