2 ئەگەر ئىبراھىم ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى بولاتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى يوق.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس يازمىلاردا: «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن» دەپ يېزىلغان.
ئەگەر ماختىنىشىمغا توغرا كەلسە، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن.
سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەللەر بىلەن قۇتقۇزۇلمىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنىڭ ماختىنىشقا ھەققىڭلار يوق.
ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بۇ ۋەدىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارغا بېرىلىشىدۇر.
خۇش خەۋەرنى تارقاتقانلىقىمغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن ماختىنالمايمەن، ئەلۋەتتە. چۈنكى، خۇش خەۋەرنى تارقىتىش مېنىڭ بۇرچۇم. ئۇنى تارقاتمىسام بولمايدۇ!
بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئادەمنىڭ «مەن تاللىنىشقا ئەرزىيمەن» دەپ ماختىنالماسلىقىدۇر.
بەزىلىرىڭلار ئېيتقاندەك، ئۆزىمىزنى يەنە ماختىماقچى ئەمەسمىز. بەلكى سىلەرگە بىزدىن ماختىنىش پۇرسىتىنى بەرمەكچىمىز. بۇنىڭ بىلەن، ئاتاقتا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئاشۇ ماختانچاق كىشىلەرگە جاۋاب بېرەلەيسىلەر.
شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىمەن.
كېسەلنىڭ سەۋەبىنى سەزگەن پىرئەۋن ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېمەيسەن؟
ئاتالمىش ئەلچىلەرنىڭ «بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دەپ ماختىنىشىغا پۇرسەت تاپالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەردىن ھەق ئالماي قىلىۋاتقان خالىس ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن.
نېمىشقا سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايسىلەر؟ ئەجەبا، سىلەردە بار بولغان بارلىق ئىلتىپاتلار خۇدا تەرىپىدىن بېرىلمىگەنمۇ؟ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىشقا بۇ ئىلتىپاتلارغا خۇددى ئۆزۈڭلارغا تايىنىپ ئېرىشكەندەك ماختىنىسىلەر؟
ئۇ ماڭا: _ سەن مۇشۇ ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قانداق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆر، _ دېدى.
يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمكى زاماندا تەراھ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناخور بىلەن ئىبراھىم ۋە باشقا ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايتتى، ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى.
شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا ئىبرامنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىشكە ئەمر قىلدى. ئۇلار ئىبرامنى، ئايالىنى، ئادەملىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان بارلىق نەرسىلەرنى قوشۇپ، چېگرادىن چىقىرىۋەتتى.