15 تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.
گۇناھ تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا دۇنيادا بار ئىدى. بىراق، ئۇ چاغدا ھەق-ناھەقنى ئايرىيدىغان تەۋرات قانۇنى بولمىغانلىقتىن، گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايتتى.
تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»
ئۆلۈمنىڭ نەشتىرى - گۇناھتۇر. گۇناھنىڭ كۈچى بولسا بىزنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ.
ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن.
خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.
گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، گۇناھ سادىر قىلغانلىق خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.
بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.
ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.
كۈمۈشلەر كوچىلارغا تاشلىۋېتىلىدۇ، ئالتۇنلار ناپاك دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار غەزىپىنى ياغدۇرغان كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ، قورسىقىنى تويدۇرالمايدۇ، نەپسىنى قاندۇرالمايدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى گۇناھقا پاتۇردى.
خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.»
خۇددى بايرام ئۈچۈن مېھمان تەكلىپ قىلغاندەك، دۈشمەن يىغىپ ئەتراپىمغا، ھۇجۇم قىلدۇردۇڭ بىزگە. سەن غەزەپلەنگەن كۈنى ھېچكىم قۇتۇلالمىدى ھەم ھېچكىم ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمىدى. دۈشمەن قىرىپ تاشلىدى مەن تۇغۇپ، باققان بالىلارنى.»
شۇڭا ماتەملىك كىيىملىرىڭلارنى كىيىپ، قايغۇرۇپ، ھازا تۇتۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە بولغان غەزىپى تېخى بېسىلمىدى.
_ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە يازمىدىكى ئەمرلەرگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا مەن ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراڭلار.
ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟!
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.