Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 4:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىي ئەۋلادلىرى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك؟

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 4:1
18 Referans Kwoze  

ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.


ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئىبرانىيمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ ئىسرائىل. ئۇلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىنمۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن.


ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.


ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كېلىشىمگە ئىنتىزار بولغان ھەم كەلگەنلىكىمنى ئالدىنئالا كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان.


ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.


ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟


ئەجەبا، سەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ۋە ۋاپات بولغان باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى زادى قانداق ئادەم دەپ ھېسابلايسەن؟


- بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار، - ھېچكىمگە ھېچقاچان قۇل بولمىدۇق. سىزنىڭ: «ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟


ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزۈڭلارچە «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىزنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەرشتىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلىپ، ياشىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟


ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ، داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشايمىزمۇ؟


بۇ خۇش خەۋەر خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. جىسمانىي جەھەتتىن، ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان.


لېكىن، بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئادالەتسىزلىكى خۇدانىڭ ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىزنى جازالىسا، ئۇنى ئادىل ئەمەس، دېسەك بولامدۇ؟ (بەزىلەر شۇنداق دەپ، ئويلاپ يۈرىدىكەن!)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite