رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! ھەممە ئىنسان يالغانچى بولغان تەقدىردىمۇ، خۇدا يەنىلا راستچىلدۇر. بۇ ھەقتە زەبۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل بولۇپ ئىسپاتلىنىسەن، ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلىسەن.» Gade chapit la |
ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ياخشى قانۇن مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدىمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، ئەنە شۇ گۇناھ بۇ ياخشى قانۇندىكى ئەمرلەردىن پايدىلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى. بىز ئەمدى گۇناھنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇۋالالايمىز. چۈنكى، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمرلەر ئارقىلىق گۇناھنىڭ قانچىلىك قەبىھ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.