31 ئۇنداقتا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلامدۇق؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز.
مەن خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى ئەھمىيەتسىز، دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئەگەر بىر ئادەم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالاتتى.
- مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم.
شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن.
ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغان بىزلەر ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ ئادىل تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
مەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقىمدىن قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن دەپ ھېسابلاندىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، خۇدا ئۈچۈن ياشاشتۇر. مەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندىم.
خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ! مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.
خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن.
ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشكىلى بولسىدى، ئۇ چاغدا ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىغان، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى.
ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! ھەممە ئىنسان يالغانچى بولغان تەقدىردىمۇ، خۇدا يەنىلا راستچىلدۇر. بۇ ھەقتە زەبۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل بولۇپ ئىسپاتلىنىسەن، ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلىسەن.»
ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ» دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر.
شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر خۇداغا بويسۇنۇشتا تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىنمۇ ئېشىپ كەتمىسەڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيسىلەر.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى.
پەرۋەردىگار ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تەلىملىرىنى ئۇلۇغلىغانىدى.
ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا، چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا.
ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»
جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ: - بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! - دېيىشتى.
ياق، مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر خۇدا بىز يەھۇدىيلارنى ئادىللىق بىلەن جازالىمايدىغان بولسا، قىيامەتتە قانداقمۇ دۇنيا ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرالايدۇ؟