Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 چۈنكى، خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:30
18 Referans Kwoze  

مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئالدىن دېيىلگەن. خۇدا ئىبراھىمغا: «ھەممە مىللەتلەرگە سەن ئارقىلىق بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ، بۇ خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان.


ئىككى ئادەم كېلىشىم تۈزگەندە، بىر ۋاسىتىچى بولۇش كېرەك. لېكىن، خۇدا ئۆز ئەھدىسىنى ئىبراھىمغا بەرگەندە، ئۇنى ۋاسىتىچىسىز بەرگەن.


خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.


خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار.


دېمەك، خۇدانىڭ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇ يېگانىدۇر.


شۇنىڭغا ئوخشاش، خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلسا، خۇدا تەرىپىدىن يەنىلا خەتنە قىلىنغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


سەن تەۋرات قانۇنىدىن خەۋەردار ھەم خەتنە قىلىنغان تۇرۇقلۇق، شۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىساڭ، جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر سېنى گۇناھكار، دەپ ئەيىبلىمەمدۇ؟


خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.


بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلارغىلا مەنسۇپمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇ، خەتنە قىلىنمىغان، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ مەنسۇپتۇر. چۈنكى، بىز ئېيتقاندەك: «خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.»


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.


چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite