3 بەزى يەھۇدىيلار خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلدىمۇ دەيلى. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى سەۋەبىدىن خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمامدۇ؟
بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرماي قالمايدۇ.
خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى.
مەن ھەرگىزمۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسى بىكار بولدى، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادى بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ.
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ ھەرگىز بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەم سۆزلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، مېنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىم شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.
بىراق، خۇددى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس.
ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.
ئىسرائىللارنى تاللىغان شان-شەرەپلىك خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، _ دېدى.
خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس، خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس. ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس، ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس.
بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
چۈنكى، خۇدا ئۆزى بەرگەن سوۋغاتلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق.