رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 مانا ھازىرمۇ خۇدا يەنە ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار گۇناھكار بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يەنىلا ئادىللىق بىلەن كەچۈرىدۇ. Gade chapit la |
نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار! سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار. كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟ بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟! مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.
خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى.