Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:22
30 Referans Kwoze  

بۇ جەھەتتە، يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق. ئەيسا مەسىھ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مېھىر-شەپقەت ياغدۇرىدۇ.


مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار.


لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.


يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.


بۇ يېڭى ھاياتتا بىزنىڭ يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان، مەدەنىيەتسىز ھەتتا ياۋايى، قۇل ياكى ھۆر بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ بولسا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.


شۇڭا، سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشىڭ مۇمكىن. بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەنغۇ! ئۇنداقتا، سېنىڭ كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، خۇدا سوراق قىلىدىغان ئاشۇ كۈندە ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا باھانە كۆرسىتەلمەيسەن. چۈنكى، باشقىلار ئۈستىدىن مۇنداق ئىشلاردا ھۆكۈم قىلساڭ، ئۆز ئۈستۈڭدىمۇ شۇ ئىشلاردىن ھۆكۈم قىلغان بولىسەن.


مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.


بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى.


خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلدى.


نېمىشقا سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايسىلەر؟ ئەجەبا، سىلەردە بار بولغان بارلىق ئىلتىپاتلار خۇدا تەرىپىدىن بېرىلمىگەنمۇ؟ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىشقا بۇ ئىلتىپاتلارغا خۇددى ئۆزۈڭلارغا تايىنىپ ئېرىشكەندەك ماختىنىسىلەر؟


ئۇنداقتا، بۇنى مۇنداق يىغىنچاقلايمىز: ھەققانىيلىقنى ئىزدىمىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا ئېرىشتى.


بىراق، ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلار.


ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.


خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.


مانا شۇ ھەزرىتى ئەيساغا قىلغان ئېتىقادىمىز بىلەن، بۇ توكۇر ئادەمگە كۈچ كىردى. سىلەر كۆرۈپ تۇرغان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ساپمۇساق بولدى. سىلەرمۇ بۇنى كۆردۈڭلار.


مۇقەددەس روھ مېنى، گەرچە ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. جاففادىن كەلگەن بۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. قەيسەرىيىگە يېتىپ كېلىپ، كورنىلىي ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.


بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.»


چۈنكى، خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.


ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.


چۈنكى، يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاش مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈپ، بىر تەننىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇقەددەس روھتىن بەھرىمەن بولدۇق.


ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بۇ ۋەدىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارغا بېرىلىشىدۇر.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite