Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:19
24 Referans Kwoze  

تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


ئۇنداقتا، خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغان كۈنىدە بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى، مەن ھەممىمىزنىڭ، مەيلى يەھۇدىي بولايلى ياكى بولمايلى، گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىمىزنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.


سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


ۋەھالەنكى، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر.


بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئادەمنىڭ «مەن تاللىنىشقا ئەرزىيمەن» دەپ ماختىنالماسلىقىدۇر.


چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان.


بۇنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ ھەققانىيلار، ئاغزى ئېتىلىپ، ئۈنسىز تۇرار پاسىقلار.


تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟


بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغان بىزلەرنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتى قىلىشتۇر.


دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى.


شۇنداق قىلىپ نامراتلارغا ئۈمىد بېرىپ، رەزىللەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ.


ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار، نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن، يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.


ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! ھەممە ئىنسان يالغانچى بولغان تەقدىردىمۇ، خۇدا يەنىلا راستچىلدۇر. بۇ ھەقتە زەبۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل بولۇپ ئىسپاتلىنىسەن، ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلىسەن.»


ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.


لېكىن بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.


ئىشىنىمەنكى پادىشاھ خۇدادىن خۇرسەن بولار، «خۇدا گۇۋاھ» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر خۇدانى ئۇلۇغلار، بەرھەق، يالغان سۆزلىگەنلەرنىڭ زۇۋانى تۇتۇلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite