13 «ئېغىزلىرىدىكى گەپ ئوچۇق قەبرىدەك سېسىق، كاززاپلىق قىلىدۇ ھەم تىللىرى. لەۋلىرى خۇددى يىلاننىڭ زەھەرخەندىسى.»
سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا، رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى، ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى، خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى.
زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى، يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. سېلاھ
مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ، ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ. تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا، نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.
ئەجەبا، ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن غايىبانە ئالامەتلىرى ساختا، يەتكۈزگەن ۋەھىيلىرى يالغان ئەمەسمىدۇ؟ ئۇلار: ‹بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى› دەيدۇ، لېكىن بۇ سۆزلەرنى مەن دېمىگەن.
قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار جىنايەت بىلەن بۇلغانغاندۇر. ئاغزىڭلار يالغانچىلىققا تولغان بولۇپ، تىلىڭلاردىن رەزىل سۆزلەرلا چىقىدۇ.
تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا، ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا.
ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! ھەممە ئىنسان يالغانچى بولغان تەقدىردىمۇ، خۇدا يەنىلا راستچىلدۇر. بۇ ھەقتە زەبۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل بولۇپ ئىسپاتلىنىسەن، ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلىسەن.»
ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. ئوقيالىرى ئۆلۈم ئەلچىلىرىدۇر.
ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن، باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن.
ئۈزۈمىنىڭ شارابلىرى يىلان، يەنى كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ ئەجەللىك زەھىرىگە ئوخشايدۇ.
چەتنىدى ھەممە ئادەم خۇدا يولىدىن، قالدى كىرىپ تۇيۇق يولغا. ياخشىلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ.»