Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 چەتنىدى ھەممە ئادەم خۇدا يولىدىن، قالدى كىرىپ تۇيۇق يولغا. ياخشىلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ.»

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:12
22 Referans Kwoze  

ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان، بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان.


بۇ دۇنيادا پەقەت ياخشى ئىشنىلا قىلىپ، بىرەر قېتىممۇ يامان ئىش قىلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم يوق.


ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز، بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ. بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز، گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.


ئۇلار تىنچلىق يولىنى بىلمەيدۇ، قىلغان ئىشلىرى ئادالەتسىزلىكتۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەگرى يول ياسايدۇ، بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىقنى بىلمەيدۇ.


ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.


مېنىڭ بىردىنبىر بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ئەسلىدە خۇدا ئادەمنى دۇرۇس قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ھەر خىل رەزىل يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن.»


چۈنكى، بۇرۇن سىلەر يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشايتتىڭلار، لېكىن ھازىر ئۆزۈڭلارنى قوغدايدىغان قويچىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.


ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر.


بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.


خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.


بۇ يارامسىز چاكارنى سىرتقا، قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىڭلار، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتسۇن» دەپتۇ.


مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


ئەخمەقلەر ئۆز كۆڭلىدە «خۇدا يوق» دەر، ئەسلىدە ئۇلار رەزىل، بۇزۇقلاردۇر. ئۇلاردىن بىرمۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى يوقتۇر.


ئۇلار مەن كۆرسەتكەن يولدىن تېزلا چەتنەپ، ئالتۇندىن موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇندى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇلار: «بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇدۇر» دېيىشتى.


ئەمما ئۇلار بۇزۇلغان بولۇپ پاسىق، ئازغۇچى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئەمەس توغرا يولدا ماڭغۇچى.


ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر. خۇدانى ئىزدەيدىغىنىمۇ ھەم.


«ئېغىزلىرىدىكى گەپ ئوچۇق قەبرىدەك سېسىق، كاززاپلىق قىلىدۇ ھەم تىللىرى. لەۋلىرى خۇددى يىلاننىڭ زەھەرخەندىسى.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite