Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ھەققانىي ئادەم يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ،

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 3:10
29 Referans Kwoze  

چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان.


ئادەم بولسىلا پاك بولامدۇ؟ ئايالدىن تۇغۇلسىلا ئادىل بولامدۇ؟


خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟


چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ.


ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.


چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق.


خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاكتۇرمەن» دېگەن.


ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم!


ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! ھەممە ئىنسان يالغانچى بولغان تەقدىردىمۇ، خۇدا يەنىلا راستچىلدۇر. بۇ ھەقتە زەبۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل بولۇپ ئىسپاتلىنىسەن، ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلىسەن.»


گۇناھلارنى سۇدەك ئىچىدىغان، رەزىل، بۇزۇلغان بىر ئىنسان قانداق بولار؟


پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، زىناخورلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلار ۋە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.


لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبىنى غەپلەتتە قالدۇردى، بۈگۈنگىچە كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى.»


گۇناھسىز بىر ئىنسان يوقتۇر ئالدىڭدا، شۇڭا ئۆتۈنەي، مەن قۇلۇڭنى سوراق قىلما.


ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر. خۇدانى ئىزدەيدىغىنىمۇ ھەم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite