1 ئۇنداقتا، يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەردىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ياكى خەتنە قىلىنىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟
_ بولىدۇ، بولىدۇ! قورسىقىم ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدىم. تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى؟ _ دېدى ئەساۋ.
سۆز قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە بىھۇدە بولىدۇ، بۇنىڭ ئادەم ئۈچۈن نېمە پايدىسى بار؟
دانا ئادەمنىڭ نادان ئادەمگە قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ نامرات ئادەم بۇ دۇنيادا توغرا ياشاشنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭغا بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل غەيرىي تەلىملەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار. ئۆزۈڭلارنى يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مۇستەھكەملەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.
مەن ئەفەس شەھىرىدە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئاشۇ رەقىبلەر بىلەن ئېلىشتىم. ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، مېنىڭ شۇنداق قىلغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولاتتى؟ ئەگەر ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا «بەرىبىر ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولاتتى!
سىلەر يەنە: ‹خۇداغا خىزمەت قىلىش بىھۇدىدۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن ھېچ پايدا يوقتۇر. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەسرەت چېكىپ، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟
پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس. ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا.
سىلەر سامارىيىلىكلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغان بىلەن ئۇنى بىلمەيسىلەر. بىراق، بىز يەھۇدىيلار كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق دۇنياغا كېلىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.
ئۇنداقتا، خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغان كۈنىدە بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى، مەن ھەممىمىزنىڭ، مەيلى يەھۇدىي بولايلى ياكى بولمايلى، گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىمىزنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.