7 ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ.
مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
ھازىر بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئايان بولدى. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات يولىنى ئېچىپ بەردى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.
چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.
خۇدا بۇ سىرنىڭ سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن سۆيۈندى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا كەلگۈسىدە ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر.
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.
مېنىڭچە، ھازىر بىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر كەلگۈسىدە بىزدە ئايان بولىدىغان شان-شەرەپكە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.
بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلىدۇ.
ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.
تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.
ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بىزنى مەڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتۇر.
خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى بولغان بىزلەرگە ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز بۇ ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىشكە ئالدىن تاللانغان.
سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلىسىلەريۇ، يېگانە خۇدانىڭ ماختىشىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشمايسىلەر. بۇ ھالدا ماڭا قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!
تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى. چىڭ تۇتقىن ئۇنىڭ يولىنى، ئىگە قىلار زېمىنغا سېنى. كۆرىسەن رەزىللەرنىڭ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى.
ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى.
شۇنداق بولغاندا، قاشاڭلاردىن بولماي، بەلكى ئۆز ئېتىقادى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولىسىلەر.
نامراتلارغا بېسىم قىلمىسا، قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.
خۇددى ھوسۇل يىغقۇچى ھەققىنى ئېلىۋاتقاندەك، بۇ كىشىلەرنى ماڭا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلارمۇ خۇدادىن تېگىشلىك ئىنئام ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىغقان ھوسۇلى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، «تېرىقچى» ۋە «ئورمىچى» تەڭ خۇشاللىنىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ. كۆمۈلگەن تېنىمىز چىرىپ كېتىدۇ، لېكىن تىرىلدۈرۈلگەن تېنىمىز بولسا مەڭگۈ چىرىمەيدۇ.
قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ گۆش ۋە قاندىن تۆرەلگەن جىسمانىي تېنىمىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئۆلۈپ چىرىيدىغان تېنىمىز مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى ئۆچمەس مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى يار بولغاي!
بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن!
گەرچە ئۇنى پەرىشتىلەردىن بىرئاز تۆۋەن قىلغان بولساڭمۇ، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ،