رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.
سىلەرنىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋاللاردا ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىگەنلىكىڭلار خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە چىقىرىدىغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلاردىن سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق ھېسابلايدۇ. سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىسىلەر.