Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشتە يەھۇدىي بولغاننىڭ ھەممىسىنىلا ھەقىقىي يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنىشىغا قاراپلا، ئۇنى ھەقىقىي خەتنە دېگىلى بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2:28
17 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر.


ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر.


بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر.


ئۇنداقتا سەنچۇ، سەن ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەيسەن ۋە تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن خۇدا بىلەن يېقىن، دەپ ماختىنىسەن.


ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: - مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! - دېدى.


بەرھەق! مېھرىباندۇر خۇدا ئىسرائىللارغا، مېھرىباندۇر خۇدا قەلبى پاكلارغا.


ئەي، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقى، سىلەر خەتنە قىلىپ، خەلقىم بولغانىكەنسىلەر، قەلبىڭلارنى پاكلاپ، ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلغان رەزىللىكىڭلار ئۈچۈن، غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.»


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، مەن مىسىرلىقلارنى، يەھۇدىيەلىكلەرنى، ئىدوملۇقلارنى، ئاممونلۇقلارنى، موئابلىقلارنى ۋە شۇنداقلا قۇملۇقلارنىڭ چەت-ياقالىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. چۈنكى بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، يولۇمدا ماڭمايدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرمۇ خەتنە قىلىنغان بولساڭلارمۇ، ئۆز قەلبىڭلارنى ئۆزگەرتمىدىڭلار، يولۇمدا ماڭمىدىڭلار.»


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، تۇغۇلۇشۇڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ئۆز خەتنىسىدىن پەخىرلىنىدىغان يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «خەتنىسىزلەر» دەپ كەمسىتىلدىڭلار. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ خەتنىسى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite