21 سەن باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ باشقىلارغا ئوغرىلىق قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟
خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن.
خوجايىنىنىڭ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، رۇسلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىغان چاكار قاتتىق تاياق يەيدۇ.
شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! سىلەر قاتتىق دىنىي قائىدەڭلار ئارقىلىق كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەيسىلەريۇ، ئۆزۈڭلار بىرەر بارمىقىڭلارنىمۇ مىدىرلىتىپ قويمايسىلەر.
«ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،
ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: - سىلەر چوقۇم ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ، «كەپەرناھۇم شەھىرىدە ياراتقان مۆجىزىلىرىڭدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ بىرەر كارامەت كۆرسەتمەمسەن؟» دېمەكچى بولۇۋاتىسىلەر.
ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىسىلەر! - دېدى.
سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ. بىراق، ئۇلار سىلەرنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن، خەتنە قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ.
بۇ ئىتلار ئاچ كۆزدۇر، تويۇشنى بىلمەيدۇ. بۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان پادىچىلار، ھەر كىم ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.
سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار. قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.»