Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىدە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلىشى بۇ قانۇننىڭ ئەمرلىرى قەلبىگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىجدانىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، توغرا قىلغاندا بولسا ئۇلارنى ئاقلايدۇ.)

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2:15
18 Referans Kwoze  

رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە ھالالدۇر. لېكىن، ناپاك كىشىلەر ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە ھالال ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن.


بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.


ئۆزۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە تەۋرەنمەيمەن، مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، كۆڭلۈم مېنى ھەرگىز ئەيىبلىمەيدۇ.


بۇنداق تەلىملەر ۋىجدانى يوقاپ كەتكەن يالغانچى ساختىپەزلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقىلىدۇ.


مەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان سۆزلىمەيمەن. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغان ۋىجدانىممۇ بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ.


شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا تىرىشىمەن.


پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: - قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كەلدىم، - دېدى.


ئەمەلىيەتتە، سېنىڭمۇ باشقىلارغا كۆپ قېتىم تىل-ئاھانەت قىلغىنىڭ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر.


پادىشاھ شىمئىغا يەنە: _ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنىڭ قىلغان يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ.


ئىبراھىم ئۆزى بۇ ئايال سىڭلىم، بۇ ئايالمۇ ئىبراھىمنى ئاكام دېگەنىدىغۇ؟ مەن ۋىجدانىمغا، ئىنساپىمغا خىلاپ ئىش قىلمىدىم! _ دېدى.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى.


(تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، ئۇلار گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بۇ قانۇن ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنىدەك بولىدۇ.


سەن تەۋرات قانۇنىدىن خەۋەردار ھەم خەتنە قىلىنغان تۇرۇقلۇق، شۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىساڭ، جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر سېنى گۇناھكار، دەپ ئەيىبلىمەمدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite