Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 تەۋرات قانۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە چۈشۈرۈلمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلسا، سوراققا تارتىلىدۇ. تەۋرات قانۇنى چۈشۈرۈلگەن يەھۇدىيلار بولسا ئۇنى پۇختا بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلارمۇ گۇناھ سادىر قىلسا، ئوخشاشلا سوراققا تارتىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2:12
23 Referans Kwoze  

شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


ئۇلار خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ئەسكىلىكلەرنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.


شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى سودومدىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.


ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.


بىلىپ قويۇڭلاركى، قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى تىر ۋە سىدوندىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.


«بۇ ئەمر-پەرمانلارنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىتائەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.


ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بۇ ۋەدىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارغا بېرىلىشىدۇر.


- سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite