رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شۇڭا، سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشىڭ مۇمكىن. بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەنغۇ! ئۇنداقتا، سېنىڭ كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، خۇدا سوراق قىلىدىغان ئاشۇ كۈندە ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا باھانە كۆرسىتەلمەيسەن. چۈنكى، باشقىلار ئۈستىدىن مۇنداق ئىشلاردا ھۆكۈم قىلساڭ، ئۆز ئۈستۈڭدىمۇ شۇ ئىشلاردىن ھۆكۈم قىلغان بولىسەن. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. قېرىندىشىڭلارنى سۆكسەڭلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدانىڭ «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قارار قىلىدىغان سوتچى ئەمەسسىلەر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت.