Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدە بىرىنچى بولۇپ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان سۆيۈملۈك ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:5
20 Referans Kwoze  

لائودىكىيادىكى قېرىنداشلارغا، بولۇپمۇ نىمفە خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام ئېيتقايسىلەر.


ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، بىز بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان ئاركىپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام!


بۇ يەردىكى، يەنى ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا بىلەن ئايالى پرىسكىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتچىلىك سىلەرگە رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سەمىمىي سالام يوللىدى.


يۇنان ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپتە ئېتىقاد قىلغان ئىستىپاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىگە چىن دىلى بىلەن ئاتىغانلىقىنى بىلىسىلەر. قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە رەببىمىزگە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار.


چۈنكى، ئىككى ياكى ئۈچ كىشى مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە جەم بولسا، مەنمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.


ئۇلار خۇددى زىنا قىلىپ باقمىغان كىشىلەردەك پاك بولۇپ، قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىن بەدەل بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار بولۇپ، خۇددى دەسلەپ پىشقان مېۋە خۇداغا ئاتالغىنىدەك، ئۇلار خۇداغا ۋە قوزىغا ئاتالغانلاردۇر.


قەدىرلىك گايۇسقا، مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سېنى سۆيىمەن.


خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.


چۈنكى، ياردەم بېرىشتە قىزغىن ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مەن ماكېدونىيىدىكى ئېتىقادچىلار ئالدىدا يۇنان ئۆلكىسىدىكى سىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بېرى، ئىئانە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىڭلاردىن ماختىنىپ كەلدىم. دەل سىلەرنىڭ بۇ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ئىئانە توپلاش ئۈچۈن قوزغاتتى.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھكە ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، جۈملىدىن يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە سالام.


رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىملارغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان قەدىرلىك دوستۇم پېرسىس خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر.


رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغان قەدىرلىك قېرىندىشىم ئامپىلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر.


چۈنكى، ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق تاپتى.


ئەگەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن پىشۇرۇلۇپ خۇداغا سۇنۇلغان نان مۇقەددەس بولسا، ئۇ ناندىن قالغان خېمىرمۇ مۇقەددەستۇر. شۇنىڭدەك، ئەگەر بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەستۇر.


كېيىن ئاپوللوس يۇنان ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسلىك ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، يۇناندىكى ئېتىقادچىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى كۈتۈۋېلىشنى سورىدى. ئاپوللوس يۇنانغا بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارغا چوڭ ياردەمدە بولدى.


غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:


ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا،


پاۋلۇسلار فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىغا كىرىپ ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە خۇش خەۋەر تارقىتىشىغا يول قويمىغانىدى.


ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر.


سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite