Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىم پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:3
17 Referans Kwoze  

مەندىن پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيت.


بۇ يەردىكى، يەنى ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا بىلەن ئايالى پرىسكىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتچىلىك سىلەرگە رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سەمىمىي سالام يوللىدى.


ئاپوللوس ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاۋاتقانلاردىن پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى.


ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىمىز ئۇربان ۋە قەدىرلىك ستاخىسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.


يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.


چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى.


خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.


ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر.


زىنداندا مەن بىلەن بىللە ياتقان يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىك ۋە يۇنىيەگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، تونۇلغان ئەلچىلەردۇر.


سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئەيسا مەسىھكە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.


بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن. ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈلدى. ئۇ كۆتۈرۈلگەندە، تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.


ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى شەخسەن مېنى تونۇمايتتى.


مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا، سىلەر ماڭا ئۇچۇرچى ئېپافرودىتنى ئەۋەتتىڭلار. ھازىر مەن ئۇنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. ئۇ مەن بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان قېرىندىشىم ھەم خىزمەتدىشىمدۇر.


يۇستۇس دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىسامۇ سىلەرگە سالام ئېيتتى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان خىزمەتداشلىرىم ئىچىدە يەھۇدىيلاردىن بولغان ئېتىقادچىلار پەقەت مۇشۇلارلا بولۇپ، ئۇلار ماڭا چوڭ تەسەللى بېرىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite