رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە. Gade chapit la |
يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.