22 (مەنكى ئۇشبۇ خەتنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە يېزىپ بېرىۋاتقان تېرتىيمۇ رەببىمىز يولىدا سىلەرگە سالام يوللايمەن.)
قاراڭلار! تۆۋەندىكى بۇ قۇرلارنى ئۆز قولۇمدا ئالاھىدە چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىۋاتىمەن.
مانا ھازىر بۇ ئاخىرقى سالاملارنى مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن.
رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغان قەدىرلىك قېرىندىشىم ئامپىلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر.
مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالامنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن. مېنىڭ پۇت-قوللىرىمنىڭ كىشەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!
مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ، مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر.
مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: ھېساباتنى ئۆزۈم قايتۇرىمەن. لېكىن، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەڭگۈلۈك ھاياتىڭ ئۈچۈن ماڭا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.