رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 سىلەر ئۇنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەپ قاراپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىدە بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر. ئۇنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ھەرقانداق ئېھتىياجىغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، شۇنىڭدەك ماڭىمۇ چوڭ ياردەم قىلغان. Gade chapit la |
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن.