Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ئىتائەتمەن ئىكەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا، سىلەردىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. بىراق، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلاردىن خالىي بولۇشۇڭلارنى خالايمەن.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:19
19 Referans Kwoze  

- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.


مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن.


ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە.


مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن.


پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.


شۇڭا، ئەقىلسىز بولماڭلار، بەلكى رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار.


يولۇم توغرا بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىپ ماڭىمەن، پەرۋەردىگار قاچانمۇ ياردەمگە كېلەرسەن؟


ئەمدى يولغا چىقىڭلار. مەن سىلەرنى قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite