Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە ئالاھىدە تونۇلغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەن ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:13
12 Referans Kwoze  

خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ.


ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل. ياش ئاياللارغىمۇ سىڭىللىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىل.


سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى بولغان بۇ ئادەم كىرىنى شەھىرىدىن ئىدى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى بۇ ئادەمگە مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى.


سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ.


ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى.


خۇدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ پاك ۋە ئەيىبسىز بولۇشىمىز ئۈچۈن، دۇنيانى يارىتىشتىن بۇرۇنلا، بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىنىشىمىز ئارقىلىق تاللىدى. خۇدا بىزنى سۆيگەچكە، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە پەرزەنت بولۇشىمىزنى ئۆز خۇش رايى بويىچە ئالدىنئالا بەلگىلىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىدۇر.


كېيىن، شاگىرتىغا: - بۇ سېنىڭ ئاناڭ بولسۇن، - دېدى. شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ شاگىرتى مەريەمنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى.


چۈنكى، كىم خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر.


دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ.


رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىملارغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان قەدىرلىك دوستۇم پېرسىس خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر.


ئاسىنكرىت، فىلىگون، ھېرمىس، پاتروۋاس، ھېرمىس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite