11 يەھۇدىي قېرىندىشىم ھىرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
خىزمەتدىشىم تىموتىي ۋە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكى، ياسۇن ھەم سوسىپاتېرلاردىن سىلەرگە سالام.
زىنداندا مەن بىلەن بىللە ياتقان يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىك ۋە يۇنىيەگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، تونۇلغان ئەلچىلەردۇر.
ئەگەر مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن لەنەت ئاستىدا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشىم قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلىسە، مەن مۇنداق قېلىشقىمۇ رازى بولاتتىم.
رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىملارغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان قەدىرلىك دوستۇم پېرسىس خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر.