رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 16:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئەيسا مەسىھكە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. Gade chapit la |
بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.