Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 15:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 15:30
16 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.


سىلەرمۇ بىزگە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ دۇئالار خۇداغا يېتىپ، خۇدا بىزنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپلىگەن كىشىلەر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىدۇ.


قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.


شۇنداق، ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلىكىمىز سەۋەبىدىن ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار قىلىنماقتىمىز. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىنى بىزدە كۆرۈۋالالايدۇ.


قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن.


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر رىغبەتلەندۈرۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەسەللى تاپتىڭلار. مۇقەددەس روھتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە رەھىمدىللىكىنى كۆردۈڭلار.


مېنىڭ سىلەر ۋە لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر ھەمدە مېنى تېخى كۆرمىگەن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن.


بىز قەيەرگە بارساق، ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى جاكارلايمىز. ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىز پەقەت ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلارمىز.


مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى،


ئۇ يەنە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتتىن بىزنى خەۋەردار قىلدى.


مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، خۇدا ماڭا توغرا سۆزلەرنى بەرگەي.


ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق،


ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن. چۈنكى، قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتىگە تولۇپ، كۈچلۈك بولىمەن.


ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite