25 بىراق، ھازىر يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا ھەدىيىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىمگە توغرا كېلىۋاتىدۇ.
مەن يېرۇسالېمدىن ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا ياردەم پۇلى يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇداغا قۇربانلىق قىلغىلى بارغانىدىم.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىسى ئارقىلىق يېرۇسالېمغا قايتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ: - ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىگە بېرىشىم كېرەك، - دېدى.
ھازىر مۇقەددەس روھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن.
ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پاۋلۇس ئەفەستە توختىماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورما ھېيتىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.
پاۋلۇس ئۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلارغا: - خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن، - دېدى، ئاندىن ئەفەستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.
ئۇلار پەقەت بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كەمبەغەل ئېتىقادچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ ئەسلىدە دەل شۇنداق قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتاتتىم.
ھانانىيا ئۇنىماي، مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئى رەببىم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ئادەم ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ يېرۇسالېمدا ساڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان!
خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار.
ئۇلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا قىلىنىدىغان ياردەمگە ئۆزلىرىنىڭمۇ ھەسسە قوشۇشىنى بىزدىن ئۆتۈنۈپ سوراشتى.
تىتۇس خېلى بۇرۇن سىلەرنىڭ بۇ مەردلەرچە ئىئانە قىلىشنى باشلىشىڭلارغا ياردەم قىلغانىكەن، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشىڭلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندۇق.
خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.
ئەگەر ئۆزۈمنىڭ بېرىشىغا توغرا كەلسە، ئۇلار بىلەن بىللە بارىمەن.