21 بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدادىن خەۋەرسىزلەر ئۇنى تونۇيدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ.»
مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن سورىمىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىدىم، مېنى ئىزدىمىگەنلەرنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىغا تەييار ئىدىم، مېنىڭ نامىمنى ئاتىمىغان خەلققە: ‹مەن بۇ يەردە، مەن بۇ يەردە› دەپ تۇردۇم!
سىلەر زەبۇردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.