20 باشقا كىشىلەر سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئەزەلدىن ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشقا تىرىشىپ كەلدىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر رىملىقلارغىمۇ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە تەشنامەن.
خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر ئەۋەتىلمىسە، خۇش خەۋەر قانداق يەتكۈزۈلسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ قەدىمى نەقەدەر مۇبارەك-ھە!»
خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.