Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 15:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ھەربىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشىمىز كېرەك.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 15:2
15 Referans Kwoze  

ھەركىم پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتىنى كۆزلىسۇن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئاتايلى.


ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى، مەن ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمەن.


مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ.


بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېگەن بۇ سۆز توغرا بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئىش قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ.


خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشى، رىغبەتلىنىشى ۋە تەسەللى تېپىشى ئۈچۈن سۆزلەيدۇ.


قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.


ياكى سىلەر بىزنى «ئالدىمىزدا ئەزەلدىن بېرى ئۆزىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. بىز پەقەت ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان كىشىلەر سۈپىتىدە خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز. سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، بىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىش سىلەرنىڭ ئېتىقادتا يېتىشىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


ئېتىقادىڭلار كۈچىيىپ، سىلەرنى ئەيىبلەشكە «ئاجىز» كۆرۈنسەم، خۇشال بولاتتىم. بىز شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر ھەممە ئىشتا تولۇق يېتىلگەيسىلەر.


ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.


ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite