Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 15:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18-19 يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 15:18
28 Referans Kwoze  

پېترۇس گېپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن، بارنابا بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلدى.


خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.


پاۋلۇس ئۇلار بىلەن ئامانلاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىچىدە ئۆزى ئارقىلىق قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي مەلۇم قىلدى.


پېترۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ئەلچى بولۇشىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغان خۇدا مېنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەلچى بولۇشۇمغىمۇ كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى.


سوۋغات بېرىمەن دەپ ماختانغان لېكىن بەرمىگەن كىشى، خۇددى يامغۇرى يوق قارا بۇلۇت ۋە بوران كەبى.


ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە.


ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان.


ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.


خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويساملا بولىدۇ دەپ، ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەكسىچە، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.


ئۇ مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ئىتائەتمەن بولغاچقا، مۇكەممەل باش روھانىي بولۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇلۇش مەنبەسى بولدى.


مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


ئەمەلىيەتتە، باشقا ئىشلاردىن ماختانغان بولساممۇ، ئەخمەق ھېسابلانمايتتىم؛ چۈنكى ئۇنداق قىلغىنىمدا ھەقىقەتنى سۆزلىگەن بولاتتىم. لېكىن، كىشىلەر مېنى كۆرگىنىدىن ياكى ئاڭلىغىنىدىن ئۈستۈن ئويلاپ قالمىسۇن دەپ، ماختىنىشتىن ئۆزۈمنى نېرى تۇتىمەن.


رەببىمىز ئەيسانىڭ ئاتىسى، مەڭگۈ مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان خۇداغا ئايانكى، يالغان ئېيتمىدىم.


خۇداغا شۈكۈر! گەرچە سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغان بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەركىن قىلىنىپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە بەرگەن تەلىمگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار.


ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرگە، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم. ئۇلارغا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، خۇدا يولىغا قايتىڭلار! ˜توۋا قىلدۇق!Œ دېسەڭلار، ئۇنى سۆز بىلەن ئەمەس، ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار!» دەپ، ئۇلارنىمۇ توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلدىم.


پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى.


ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قانداق يول ئېچىپ، ئۇلارنىمۇ ئېتىقادى ئارقىلىق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.


شاگىرتلار تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەببىمىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۆز سۆزىنى ئۇلار كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر بىلەن ئىسپاتلىدى.{


بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


بىز ھەممە ئىشنى ئۆز ئىقتىدارىمىز بىلەن قىلالايمىز، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز خۇدادىن كەلگەندۇر.


بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار دەرھال بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite