10 مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، خۇدانىڭ تاللىغان خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» دېيىلگەن بولسا،
ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.
ئى جاھاندىكى پادىشاھلىقلار، ئىگىمىزگە مەدھىيە ناخشا ئېيتىڭلار، رەببىمىزنى كۈيىڭلەرگە قېتىڭلار. سېلاھ
ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، خۇشاللانسۇن بۇنىڭدىن ھەممە خەلقلەر، شادلانسۇن ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى ئەللەر.
ئەي، يېرۇسالېمنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ بىلەن شاد-خۇرام بولۇپ، تەڭ شادلىنىڭلار! يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەسرەت چەككەن بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار!